Wednesday, April 2, 2008

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلنى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتتى

بۇ يىل مىلادىيە 2008-يىلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ يىلنى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئويۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى قارار ماقۇللاپ، بۇ يىلنى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتتى. دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان 67 ئالىمنىڭ تۆھپىلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، دۇنيا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى ھەر بىر يىلنى شۇ ئالىملارنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى بېكىتكەن. تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان قامۇس-<تۈركىي تىللار دىۋانى> ھەم بۇ مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالىمنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قۇشقان تۆھپىلىرىنى خاتىرلىگەن. شۇ خۇسۇستا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنىغا 2008-يىلى <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ ئىلتىماس تەستىقلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنغان. بۇ ھال جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە زور شان-شەرەپ ئېلىپ كىلىش بىلەن بىرگە، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان خەلقئارالىق ئالىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى 11-ئەسىردا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى. ئۇ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئائىلىسى ۋە قەشقەر ئوپالدىكى مەدرىسلەردە ئالغان. ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپنى قەشقەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان <مەدرەسەئى ھەمىدىيە>، <مەدرەسەئى ساچىيە>دە ئالغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆز ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا ئەرەپ، پارىس تىل-ئەدەبىياتىنىمۇ پىششىق ئىگىللىگەن. ئاندىن يەنە ئىسلام تارىخ، ئىسلام پەلسەپەسى، ئاستورنومىيە، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارىق پەنلەر بويىچىمۇ ئوقۇپ، يىتۈك بىلىمگە ئىگە بولغان. مەھمۇد قەشقىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نادىر مەدەنىي مىراسى بولغان <تۈركىي تىللار دىۋانى>نى <خاقانىيە تىلى> دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا، پۈتكۈل تۈركىي قەبىلىلەر تىللىرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ تۈزۈپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا <دىۋانى لۇغەتىت تۈرك> دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن <تۈركىي تىللار دىۋانى> تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى ھەممە خەلقلەرنىڭ ئورتاق بايلىقى دەپ قارالغان. بۇ يىلنىڭ <مەھمۇد قەشقىرى يىلى> قىلىپ بېكىتىلىشى مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا ئەھمىتى چوڭ بولۇپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زور شان-شەرىپى ھېساپلىنىدۇ.
(تۇرپان گېزىتىدىن ئېلىندى)