Wednesday, April 2, 2008

ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش ئۇسۇلى - باشلاش Blogger

بلوگ يېزىشقا قىزىقامسىز ،تۆۋەندە يەرشارىدىكى ئەڭ مۇقىم بلوگ بلوگگېردا ئۇيغۇرچە بلوگ ياساشنى ئۆگىتەي، ئاۋال بۇ يەرنى ئېچىپ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن تىزىملىتىش بېتىگە كىرىڭ

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇڭ. ۋە بلوگ نامى ، بلوگ ئادرېسىنى بەلگىلەڭ ۋە داۋاملاشتۇرۇڭ، بلوگ ئۈچۈن بىر ئۇسلۇب تاللاڭSon Of Moto مەن تاللىغان ئۇسلۇبئەمدى بلوگ يېزىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بۇندىن كېيىن تىزىملاتقان ئېلخەت ۋە شىفىر ئارقىلىقتور بېتىدىن بلوگىڭىزغا كىرىسىز www.blogger.comبلوگدا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كۆرسىتىشئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ، ئاۋال بۇ يەرنى چېكىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭچۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ


ئاندىن يەنە تۆۋەندىكى ئورۇننى چېكىڭ




قارىسڭىز تۆۋەندىكىدەك ھۆججەت چىقىرىش ئورنى بار، بايا چۈشۈرگەن ھۆججەتنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇندىن چىقىرىپ قاچىلاڭ



ئەمدى بولدى، ئەمدى سىز يازغان ئۇيغۇرچە خەتلەر بلوگدا نورمال كۆرىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نورمال كۆرىنىشى ئۈچۈن كومپيوتېرىڭىزدا چوقۇم ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى بولىشى كېرەك، بۇ ئۇسلۇبتا ئىشلىتىلگىنى ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيتى تۈز توم خەت نۇسخىسى. سىز يازما يازىدىغان ئورۇنغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمەيسىز ، چۈنكى بلوگگېردا تور يۈزى كىرگۈزگۈچى ئىشلەتمەي كومپيوتېردا بار كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، سىز باشقا جايدا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يېزىۋېلىپ ئاندىن بلوگقا ئەكىلىپ چاپلىسڭىز ياكى ئۇيغان يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، خەتلەر ئارقا سەھنىدە نورمال كۆرۈنمىگىنى بىلەن ئالدى بەتتە نورمال كۆرنىۋېرىدۇدىن خەۋرى بار دوستلارغا Htmlكودتىن ئانچە مۇنچە خەۋرى بار دوستلار مەن تەمىنلىگەن ئۇسلۇبنى چۈشۈرمەي، خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ ئۆزۈڭلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇسۇلى مۇنداق : ئاۋال كود تەھرىرلەيدىغان ئورۇنغا كىرىپ، كومپيوتېرغا چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى قاچىلىماستىن، ئاستىدىكى كودلارنى ئۆزگەرتىۋېتىمىز، ھەممە يەرنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ ، بارلىق خەت نۇسخا نامىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا نامىغا ئۆزگەرتىپ قويمىز، مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمدە ئاستىغا سىزىپ قويغانلىرى ئېنگلىزچە خەت نۇسخا ناملىرى ،سىز ئۇلارنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخا ناملىرىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . ياكى ۋېفت ھۆججىتنى باشقا بوشلۇققا يوللاپ، ئاندىن مۇتلەق ئۇلىنىش ئارقىلىق بلوگگېرنىڭ كود تەھرىرلەش ئورنىدىن ۋېفت ھۆججىتى ئۇلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەرسىىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسڭىز بۇ يەرگە چېقىلماي مەن تەۋسىيە قىلغان ئۇسلۇبنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ



خەت نۇسخا نامىنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوڭغا توغىرلىشىمىز كېرەك، ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئوڭغا توغىرلاش ئۈچۈن ماقالە يازىدىغان ئورۇندىن يۆلىنىشنى تاللىساقمۇ بولىدۇ، ياكى كود تەھرىرلەش ئورنىدىكى تۆۋەندىكىدەك كودلارنى ئۆزگەرتىۋەتسەكمۇ بولىدۇقا ئۆزگەرتىمىز right نى leftقانچە ئورۇندا مۇشۇنداق كود بولسا ھەممىنى ئۆزگەرتىمىز ، ئەمما دىققەت قىلىڭ، چوقۇم تېكستنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىمىز ،بلوگنىڭ سەھىپە ياكى بەت قۇرۇلمىسىدىمۇ مۇشۇنداق كودلار بار ، ئەگەر بۇلارنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسڭىز چېقىلماي مەن تەۋسىيە قىلغان ئۇسلۇبنى قاچىلاڭ


تەكلىماكان بلوگىدىن ئېلىندى